اگر کوئی اس کا ترجمہ کرسکتا ہے تو جلد جلد کرکے دے ۔
یہ ترکی زبان کے الفاظ ہیں ۔
اگر یہاں سمجھ نہیں آتی تو اس سائیٹ کو چیک کرکے جواب دیں ۔
http://www.merifet.net/Bbs/ShowPost.asp?ThreadID=28
جىددە رادىئوسىنىڭ تۈركىستانچە بۆلۈمى ھەرئايلىق مۇسابىقە سوئاللىرىنى رادىئو ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ. رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، رادىئو ئارقىلىق سوئاللارنى ياخشى ئاڭلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولىشى مۇمكىن. شۇ ڭا رادىئو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش نىيىتىدە ئاللا رىزاسى ئۈچۈن سوئاللارنى، رادىئونىڭ ئادرىسلىرىنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىپ جاۋاپ يېزىشىنى ئۈمىت قىلىپ تورغا ئەۋەتىپ قويدۇم.
مۇسابىقە سوئاللىرى ھەرئايدا يىڭى 3سوئالدىن ئىبارەت بولۇپ، توغرا جاۋاب بەرگەن كىشى 3خىل مۇكاپاتنىڭ بىرىگە ئىگە بولىدۇ.
بىرنچى مۇكاپات 500 رىيال.
2- مۇكاپات 300 رىيال.
3- مۇكاپات بولسا 200 رىيال.
مۇسابىقە شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
مۇسابىقىگە قاتناشقان كىشى ئۆز ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى، فامىلىسىنى ئېنىق يېزىشى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تولۇق ئادرىسىنى قايسى دۆلەت ۋە قايسى شەھەردە ئىكەنلىكىنى يېزىشى كېرەك.
جاۋابلار ھىجرىيە ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىزگە يىتىپ كېلىشى كېرەك.
1430-ھىجرىيە رەبىئۇسسانى ئاينىڭ سوئاللىرى:
1- سۇئال: دۇنيادا نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت قايسى، ئىسمىنى زىكىر قىلىڭ؟
2- سوئال: دۇنيا نىڭ ئاجايىباتلىرى 7 . شۇ 7 ئاجايىباتنىڭ بىرى تۈرك مىللىتىنىڭ نىشانى بولغان دۇنيا غا مەشھۇر ئەڭ چوڭ زىيارەت ئورنى بولۇپ، قايسى ئورۇن ۋە قايسى دۆلەتتە، ئىسمىنى زىكىر قىلىڭ؟
3- سوئال: قۇرئان كەرىمدە ئەڭ ئۇزۇن ئايەت قايسى ؟ قايسى سۈرىدە؟
جاۋاپ يوللاش ئۈچۈن ئادرېس:
پوچتا ئادرېس: تۈركىستانچە بۆلۈم سەئۇدى .. جىددە رادىئوسى – جىددە- پوچتا ساندۇق نومۇرى:21161
ئادرېسىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى:
Turkistani Section
Radio Jeddadh
p.o box no. 21161
Kingdom Saudi Arabia
فاكس نومۇرى: 0096626476222 تېلېفون ئۇلىنىپ ئەرەبچە سۆزلەشكە باشلىغاندا تارماق نومۇر2219 نى باسسىڭىز سىگنال بېرىدۇ.
ئىنتىرنېتتە ئىلخەت ئادرىسى: tu@saudiradio.net.sa
